يوبدان
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئارپا ئۇنى بىر كىلوگرام، پىننە ئازراق، چامغۇر 140 گرام، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، لوۋىيا (جاڭدۇ) 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
ئارپا ئۇنىغا تۇز، سۇ قۇيۇپ چىڭ يۇغۇرۇپ، خېمىرنى تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى پىچاق بىسى قېلىنلىقتا يېيىپ، ئاندىن قەلەمچە قىلىپ كېسىلىدۇ.
2. لوۋىيانى تازىلاپ 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇ بار قازانغا سېلىپ، لوۋىيا ئېتىلغىچە پەس ئوتتا قاينىتىلىدۇ. لوۋىيا ئېتىلغاندا، تۆت چاسا قىلىپ چوڭ - چوڭ توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ 10-5 مىنۇت قاينىتىپ، كېسىلگەن خېمىرنى سېلىپ 5-3 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاندىن ئۈستىگە پىننىنى ئۇۋاپ سېلىپ، ئاش ئىككى مىنۇتقىچە تىندۇرۇلىدۇ. ئاش ئۇسۇلغاندا ياغ لازىنى ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.
يوبداننى يۇمشاق كۆممىقوناق ئۇنى بىلەن ئاق ئۇننى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ.