قوغۇن تۈرمىلى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوغۇن (قىرىپ) يېرىم دانە، تۇخۇم تۆت دانە، تۇخۇم سېرىقى ئۈچ دانە، مارگىرىن 60 گرام، شېكەر، ئۇن 200 گرام، سودا بىر بال قوشۇق، ئۇندەك سوقۇلغان شېكەر تۆت ئاش قوشۇق، ماندارىن سۈيى، تۆت ئاش قوشۇق، تۇز بىر چىمدىم.
1. ئالدى بىلەن ئۈچ دانە تۇخۇم سېرىقى تۇخۇم كۆپتۈرۈش ماشىنىسىدا كۆپتۈرۈلىدۇ، ئاندىن يەنە تۆت دانە تۇخۇم ۋە بىر چىمدىن تۇز سېلىنىپ، پۇژ - پۇژ كۆپۈك چىققۇچە كۆپتۈرۈلىدۇ.
2. ئۇن بىلەن سودا پاراشوكى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، تۇخۇملارنىڭ ئۈستىگە سېلىنغاندىن كېيىن يەنە بەش مىنۇت كۆپتۈرۈلىدۇ، 30 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
3. 20 گرامچە مارگىرىن بىلەن لېس ياغلىنىدۇ. خېمىر لېسقا تۆكۈلۈپ، 180 گرادۇسقا توغرىلاپ قىزىتىپ قويۇلغان دۇخوپكىدا 10 مىنۇتلا پىشۇرۇلىدۇ.
4. قوغۇن سويۇلۇپ، توغرىلىپ ۋە چانىلىپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
5. ئەمبەل ئۈستىگە ياغلانغان قەغەز يېيىتىلىدۇ.
6. خېمىر دۇخوپكىدىن چىقىرىلىپ، ياغلىق قەغەز ئۈستىگە دۈم كۆمتۈرۈلۈپ تۆكۈلىدۇ ۋە شۇ زامان قەغەز بىلەن بىللىلا تۈرمەللىنىدۇ.
7. بۇ ئارىدا ماندارىن سۈيى ۋە قوغۇن ئەزمىسى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. تۈرمەل سوۋۇغاندىن كېيىن قايتا ئېچىلىپ، ياغلىق قەغەز ئاۋايلاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. يۈزىگە قوغۇن ئەزمىسى سۈرتۈلۈپ، تەكرار تۈرمەللىنىدۇ.
8. بىر سائەت توڭلاتقۇدا قويۇپ، ئۈستىگە سوقۇلغان ئۇندەك شېكەر سېپىلىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.