كالا گۆشى ئۇيۇتمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
كالىنىڭ پىششىق گۆشى 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق، كۆپتۈرۈلگەن موگۇ ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، تەرخەمەك بىر تال، ئاقمۇچ سۈيى ئازراق، پىششىق سەۋزە ئىككى باش، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، بامبۇك نوتىسى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، كۆپتۈرۈلگەن مور ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، توخۇ شورپىسى بىر كىلوگرام، كراخمال ئازراق.
1. يۇقىرىقى خۇرۇچلاردىن توغراشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوناقتەك چوڭلۇقتا بىردەك تەكشى توغرىلىدۇ.
2. ساپلىققا توخۇ شورپىسىنى قۇيۇپ قاينىتىپ توغرالغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى سېلىپ يەنە قاينىتىپ، خۇرۇچلار پىشقاندا، ئازراق كراخمال بېرىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ، شورپا قاچىسىغا ئۇسۇپ زىياپەت ئۈستىلىگە قويۇلىدۇ.