قەن ھالۋىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 175 گرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 175 گرام، ئاق شېكەر ياكى قەنت 500 گرام، سۇ 280 گرام.
ئېرىتىلگەن قوي يېغىنى قازانغا سېلىپ 7-8 دەرىجە قىزىتىپ ياخشى داغلانغاندىن كېيىن، قازاننى ئوتتىن ئېلىپ، ياغنى سوۋۇتۇپ دەرىجىسىنى 3-4 دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، قازاننى يەنە ئوتقا قويۇپ، ئۇننى سېلىپ ياغدا سارغايتىپ قورۇلىدۇ. تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇن كۆيۈپ كېتىدۇ.
2. شېكەر ياكى قەنتنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ، ياغدا قورۇۋاتقان ئۇنغا قۇيۇپ، تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ، سۈيى تۈگەپ پىشقاندا بەش مىنۇت دەملەپ كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ ياغلىق توقاچ ياكى يۇمشاق يېڭى نان بىلەن بىللە داستىخانغا قويىلىدۇ.