UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىياغ سامسا

ياغ سامسا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇن ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، سۇ يېغى 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق، سۇ 500 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، گۆش بىر يېرىم كىلوگرام، زىرە ئازراق، پىياز 750 گرام، قوي يېغى 140 گرام. 1. گۆش، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوقۇلغان قارىمۇچ، زىرە، سۇ ئازراق، قوي يېغى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. 2. ئۇنغا تۇز، تۇخۇم، سۇ يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ قۇيۇپ قاتتىق خېمىر يۇغۇرۇپ، يېرىم سەرلىكتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ تەييارلىنىدۇ. 3. جىلتقا قىيما سېلىپ ئۈچ بۇرجەك، تۆت بۇرجەك ياكى يېرىم ئاي شەكلىدە سامسا تۈگۈپ، تاۋىدىكى ياغدا ياكى دۇخاپكىدا سامسىدەك پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى