كۆكتات مانتىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن، ئازراق كاللەكبەسەي (لاڭقا) ياكى يېسىۋىلەك (بەسەي) بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، جاڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا، شۇلتا مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ يېغى 70 گرام.
يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سەي - كۆكتاتلارنىڭ قايسى بىرى بولسۇن پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، ئازراق تۇز سېپىپ، مۇجۇپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىمىز. ئاندىن ئۇنىڭغا كاۋاۋىچىن، جاڭيۇ، ياغ، تەمىگە قاراپ تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. خېمىرنى يۇغۇرۇش، بولدۇرۇش، جىلىت ئېچىشلارنىڭ ھەممىسى بولاق مانتىنىڭكىدەك بولىدۇ. مانتىنى تۈگۈپ قاسقاندا 30 - 25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.