سىيادان توقىچى
ئۇيغۇر تائاملىرى
مارگىرىن 250 گرام، ئۇندەك سوقۇلغان شېكەر 150 گرام، چۈچۈتۈلگەن ئۆسۈملۈك يېغى ئىككى ئاش قوشۇق. ئۇن 500 گرام، سىيادان ئىككى - ئۈچ ئاش قوشۇق، مۇراببا يېرىم پىيالە.
1. مارگىرىن ئېرىتىلىدۇ، ئېرىپ بولىشىغىلا ئوچاقتىن ئېلىپ سوۋۇتۇلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچىگە ئىككى ئاش قوشۇق سۇ ياغ بىلەن بىر پىيالە سوقۇلغان شېكەر سېلىنىپ قوچۇلىدۇ. ئارقىدىن تۆت يېرىم پىيالە ئۇن ۋە ئىككى - ئۈچ ئاش قوشۇق سىيادان قوشۇلۇپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. خېمىر تاكى ئۆزلىشىپ بولغۇچە ئىشلەپ ئوبدان يۇغۇرۇلىدۇ.
2. خېمىردىن تۇخۇم چوڭلۇقىدا زوۋۇلىلار ئۈزلۈپ كۇمىلاچلىنىدۇ ۋە ئالىقان بىلەن بېسىپ ياپىلاقلىنىدۇ.
3. ئوتتۇرىسى بارماق بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ لېسقا تىزىلىدۇ. 130 گرادۇسقا توغرىلاپ قىزىتىپ قويۇلغان دۇخوپكىدا قىزارتىۋەتمەستىن پىشۇرۇلىدۇ، دۇخوپكىدىن چىقىرىلىپ سوۋۇتۇلىدۇ.
4. ئوتتۇرىسىغا مۇراببا تولدۇرۇلۇپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.