UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىيمىغا ئورالغان تۇخۇم

قىيمىغا ئورالغان تۇخۇم

ئۇيغۇر تائاملىرى تۇخۇم 10 دانە، زەنجىۋىل سۈيى ئازراقلا، گۆش 600 گرام، زىرە ئازراق، پىياز 140 گرام، كۈنجۈت يېغى ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، سۇ يېغى 70 گرام، قارىمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق. 1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسسىق سۇ يېدۇرۇپ، گۆشكە ئۇششاق توغرالغان پىياز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، سوققان قارىمۇچ ۋە زىرە سېلىپ، كۈنجۈت يېغى، كاۋاۋىچىن سۈيى، زەنجىۋىل سۈيى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 2. تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ، سوغۇق سۇغا چىلاپ 10 مىنۇت قويۇپ، شۆپۈكىنى سويۇۋېتىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىغا سېلىپ ئېلىپ ئۈستىنى قىيما بىلەن ئوراپ قويۇلىدۇ. 3. ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، شىرە ياساپ قىيما ئورالغان تۇخۇمنى ئۇنىڭغا چىلاپ، ئاندىن ئۇنى 4-5 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ قورۇپ قىزارغاندا ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قىيمىغا ئورالغان تۇخۇم | UyghurWiki | UyghurWiki