UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىيمىلىق يوتازا

قىيمىلىق يوتازا

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، لوق گۆش 170 گرام، شولتا ئازراق، پىياز ئۈچ باش، ياش خېمىرتۇرۇچ 250 گرام، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق، سۇ 500 گرام. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، گۆشكە 70 گرام سۇ قۇيۇپ، ئۇششاق چانالغان پىياز، قارىمۇچ، سۇ يېغى، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، يۇمشاق قىيما ياسىلىدۇ. 2. خېمىرنى باشقا يوتازىنىڭكىدەك قىلىپ تەييارلاپ خېمىرنىڭ يۈزىگە قىيما سۈرتۈپ، بىر تەرەپتىن يۆگەپ 70 گرام چوڭلۇقتا ئۇزۇنچاق ئۈزۈپ، يوتازا تۈگۈپ قاسقانغا سېلىپ 25 -20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قىيمىلىق يوتازا | UyghurWiki | UyghurWiki