شاپتۇل پىرەنىكى
ئۇيغۇر تائاملىرى
1. خېمىرى ئۈچۈن: ئۇن 300 گرام، تۇخۇم بىر دانە، شېكەر، چۈچۈتۈلگەن سۈزۈك ئاپتاپپەرەس يېغى 80 گرامدىن، سودا پاراشوكى بىر بال قوشۇق، سۈت ئىككى ئاش قوشۇق، مارگىرىن 100 گرام.
2. ئىچى ئۈچۈن: تۇخۇم ئىككى دانە، شېكەر 30 گرام (ئىككى ئاش قوشۇق)، قايماق ئىككى ئاش قوشۇق.
3. يۈزى ئۈچۈن: يېرىم شاپتۇل تۆت پارچە (شاپتۇل كونسېرۋاسى)، شېكەر 30 گرام، ئۆرۈك مۇرابباسى ئىككى ئاش قوشۇق.
خېمىر خۇرۇچلىرىنىڭ ھەممىسى بىر داسقا ئېلىنىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇن سېلىنىپ، ئۆزلۈك خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر ياغلانغان بىر قاچىغا سېلىنىپ توڭلاتقۇدا يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ.
2. توڭلاتقۇدىن چىقىرىلغان خېمىردىن تۆت دانە زوۋۇلىلار تۇتۇلىدۇ. زوۋۇلىلار پۇزا بىلەن ئېچىلىدۇ. ھەربىر تەرەپنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16 سانتىمېتىر بولغان تۆت چاسا جىلىت كېسىلىدۇ.
3. بىر دانە تۇخۇمنىڭ ئېقى ۋە سېرىقى ئايرىلىدۇ. تۇخۇمنىڭ سېرىقى، شېكەر ۋە قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
4. چاسا جىلىتلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا قايماقلىق ئىچ خۇرۇچى قۇيۇلىدۇ. ھەربىر پارچە جىلتىنىڭ بۇرجەكلىرى ئىچى تەرەپكە قارىتىپ ئازراق ھىمىرىلىنىپ قىر چىقىرىلىدۇ. يېرىم شاپتۇل دۈم قىلىنىپ، خېمىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا پاتۇرۇلىدۇ.
5. بىر دانە تۇخۇم ئوبدان ئارىلاشتۇرۇلۇپ، خېمىرنىڭ يۈزىگە سۈرتۈلىدۇ. ياغلىق قەغەز سېلىنغان لېسقا تىزىلىپ، ئاندىن 200 گرادۇسقا توغرىلاپ قىزىتىپ قويۇلغان دۇخوپكىدا 20 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.
6. تۇخۇمنىڭ ئېشىپ قالغان ئېقىنىڭ يېرىمىغا شېكەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ، ئۆرۈك مۇرابباسى بىر ئاز ئىسسىتىلىدۇ.
7. دۇخوپكىدىن چىققان پىرەنىكلەر ئۈستىگە ئاۋۋال ئۆرۈك مۇرابباسى، ئاندىن كۆپتۈرۈلگەن تۇخۇم ئېقى سۈرتۈلۈپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.