UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىپىنتوزا سەۋزە

پىنتوزا سەۋزە

ئۇيغۇر تائاملىرى ئىنچىكە پىنتوزا 500 گرام، سەۋزە بىر كىلوگرام، سامساق ئۈچ باش سۇ يېغى 20 گرام، قىزىل لازا تۆت تال، ئاچچىقسۇ 250 گرام، سۇڭپىياز بەش گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. سەۋزىنى ئىنچىكە توغراپ شاكىراپ سۇغا چىلاپ مىجىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، ئاندىن قايناق سۇغا سېلىپ يۇمىشىتىلغان پىنتوزا بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 2. قىزىل لازا بىلەن سۇڭپىيازنى ئىنچىكە توغراپ سامساقنى ئۇششاق چانىلىدۇ. 3. ياغنى چۈچۈتۈپ ئېلىپ سەل تۇرغۇزۇپ قىزىل لازا، سامساق، سۇڭپىيازنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ داغلايمىز، ئاندىن ئاچچىقسۇ، تۇزنى پىنتوزا سەۋزىگە قوشۇپ 30-20 مىنۇت قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى