UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىبۇس نان

بۇس نان

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، ئەبجەش ياغ 105 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق. قاتتىق پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى تەكشى يېيىپ نېپىزلىتىپ تەييارلىنىدۇ. 2. سەۋزە ۋە پىيازنى ئۇششاق چاناپ، ياغ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ سەۋزە قىيمىسى تەييارلاپ، خېمىرنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ، بىر ئۇچىدىن تۈرۈپ تۈرمەل ياساپ، ئۇنى قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 30 ـ 25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان نان سوۋۇغاندىن كېيىن چوڭ - چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى