بېلىق كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئالتاي ياكى قارا شەھەر بېلىقى ئالتە تال، زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئىككى يېرىم كىلوگرام، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق، سوققان كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، تۇز ئازراق.
. بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، قاناتلىرىنى قىرقىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيىلىدۇ.
2. بېلىقنى زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ، تۇز، كاۋاۋىچىن، چانالغان سۇڭپىياز، سامساقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قويغاندىن كېيىن، قۇرۇق پۇرچاق ئۇنىغا مىلەپ، دوخاپكىنىڭ لىسىغا تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ.