UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقەنت ھالۋىسى

قەنت ھالۋىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن 175 گرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 175 گرام، ئاق شېكەر ياكى قەنت 500 گرام، سۇ 280 گرام. ئېرىتىلگەن قوي يېغىنى قازانغا سېلىپ 7-8 دەرىجە قىزىتىپ ياخشى داغلانغاندىن كېيىن، قازاننى ئوتتىن ئېلىپ، ياغنى سوۋۇتۇپ دەرىجىسىنى 3-4 دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، قازاننى يەنە ئوتقا قويۇپ، ئۇننى سېلىپ ياغدا سارغايتىپ قورۇلىدۇ. تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇن كۆيۈپ كېتىدۇ. 2. شېكەر ياكى قەنتنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ، ياغدا قورۇۋاتقان ئۇنغا قۇيۇپ، تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ، سۈيى تۈگەپ پىشقاندا بەش مىنۇت دەملەپ، كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ، ياغلىق توقاچ ياكى يۇمشاق يېڭى نان بىلەن بىللە داستىخانغا قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
قەنت ھالۋىسى | UyghurWiki | UyghurWiki