ئاق، سېرىق رەڭلىك قورۇما
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوي گۆشى 70 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، قىزىل لازا بىر شوخ، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پەمىدۇر بىر باش، سامساق ئىككى چىش، ئېرىتكەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 35 گرام)، سۇڭپىياز بىر تال، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 50 گرام)، ئاچچىقسۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . گۆش، قۇيرۇق ياغ، سۇڭپىياز، قىزىل لازىلار چاچتەك ئىنچىكە، سامساق ئۇششاق، پەمىدۇر ئىنچىكە، ئۇزۇنچاق توغرىلىدۇ.
2. تۇخۇمنى چېقىپ، ئاق، سېرىقىنى ئايرىم - ئايرىم قاچىغا تۆكۈپ، ئېقىغا چىلغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە توغرالغان قۇيرۇق ياغ سېلىنىدۇ؛ تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە توغرالغان گۆشنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. شورپىغا تېتىتقۇ، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، سوققان كاۋاۋىچىن، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ئېرىتىلگەن قوي يېغىنى سېلىپ 4 دەرىجە قىزىتىپ، ئاق شىرىگە چىلانغان قۇيرۇق ياغنى سېلىپ كۈمۈش رەڭگىدە ئاق پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ؛ قازانغا سۇ يېغى قۇيۇپ 6 دەرىجە قىزىتىپ، سېرىق شىرىگە چىلانغان گۆشنى سېلىپ ئالتۇن رەڭگىدە پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
5. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، قىزىل لازا، پەمىدۇرلارنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ شورپا پىشقاندا، گۆش بىلەن ياغنى سېلىپ ئازراق ئاچچىقسۇ سېپىپ ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.