UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىچىلانغان يېسىۋېلەك

چىلانغان يېسىۋېلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى يېسىۋېلەك 50 گرام، ئالما ئىككى يېرىم كىلوگرام، سەۋزە ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز بىر يېرىم كىلوگرام، قارىمۇچ 50 گرام، قۇرۇق لازا 50 گرام. 1. يېسىۋېلەكنى ئادالاپ يۇيۇپ ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىلىپ توغرىلىدۇ. ئالمىنى يۇيۇپ تۆت بۆلەك قىلىنىدۇ. سەۋزىنى ئاقلاپ ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا قەلەمچە قىلىنىدۇ. 2. يېسىۋېلەك، سەۋزە توغرالمىسى تولۇق تۇزلىنىدۇ. ئاندىن بىر قەۋەت كۆكتات بىر قەۋەت ئالما قىلىپ تۆت قەۋەت دەستىلەپ ئىدىشقا سېلىپ، دورا - دەرمەكلەر ھەرقايسى قەۋەتلەرگە تەكشى تەقسىملىنىدۇ. ئاندىن نوغۇچ بىلەن چىڭداپ ئىدىشنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ، ئېغىر نەرسە بىلەن باستۇرۇپ ℃35 لۇق جايدا 4-3 كۈن تۇرغۇزساق بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
چىلانغان يېسىۋېلەك | UyghurWiki | UyghurWiki