لەڭپۇڭ
ئۇيغۇر تائاملىرى
پۇرچاق ئۇنى 500 گرام، ئاچچىقسۇ بىر كىلوگرام، سۇ يېغى 100 گرام، سوققان قىچا 15 گرام، سوققان لازا 25 گرام، سوققان زەنجىۋىل ئۈچ گرام، سامساق ئۇچ - تۆت باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا تۇز.
1. پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلاپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرى قىلىپ 2-1 سائەت قويغاندىن كېيىن كۆك سۇ يىغىلىدۇ، ئۇن ئاستىغا چۆكىدۇ. ئۈستىگە يىغىلىپ قالغان كۆك سۇ تۆكۈۋېتىلىدۇ، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئىككى - ئۈچ قېتىم سۈيىنى يەڭگۈشلىگەندىن كېيىن، پۇرچاق ئۇنىنىڭ پۇرىقى تۈگەيدۇ. ئاندىن يەنە ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ، ئۇنى ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇز، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، قازانغا تۆكۈپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. سامساقنى ئۇششاق چاناپ سوققان لازا، ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىدىن قىزىق ياغنى قۇيۇپ داغلاپ، ئاندىن قايناق سۇ قۇيۇپ سۇيۇق لازا تەييارلىنىدۇ.
3. سوققان قىچا، زەنجىۋىللەرنى ئاچچىقسۇغا تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
4. سوۋۇتۇلغان ئۇيۇتمىنى قىرغۇچتا قىرىپ ياكى ئىنچىكە توغراپ تەخسىگە ئېلىپ ئۈستىگە سۇيۇق لازا، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ