UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىگىردە نان

گىردە نان

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى كىلوگرام، خېمىر تۇرۇچ 70 گرام، كۈنجۈت 70 گرام، ئۈزۈم شىرنىسى 35 گرام. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، تۇز، سۇ قۇيۇپ، چىڭ يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنراق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويىمىز. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن 200 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ گىردە ياساپ، ئاش تاختىغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ ئىككىسىنىڭ يۈزىنى بىر جۈپلەپ، داستىخان بىلەن يېپىپ قو يۇلىدۇ. 2. قىزىتقان تونۇرنىڭ (قىزىتىش ئۈچۈن يۇلغۇن بولسا ناھايىتى ياخشى) ئوتىنى كۆمۈپ، داپخاننى ئېتىپ، تونۇرغا سۇ، تۇز ئۇرۇپ ھاۋىسىنى پەس تەڭشەپ، ناننى يېقىپ بولۇپ يۈزىگە سۇ سېپىپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ 25 - 20 مىنۇتقىچە خۇيلىنىدۇ. خۇي يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، قولىمىزنى ناننىڭ يۈزىگە تەككۈزگەندە قولىمىزغا چاپلاشمىسا، خۇي يەتكەن بولىدۇ. 3. خۇي يەتكەندە تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۈزۈم شىرنىسىغا تەڭ باراۋەر نىسبەتتە سۇ قوشۇپ، ناننىڭ يۈزىگە سۇس چېچىپ بولۇپ داپخاننى ئېچىپ، ئوتنى يالىلدىتىپ پىشۇرىمىز. ناننىڭ يۈزىنى بەكمۇ قىزارتىۋەتمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
گىردە نان | UyghurWiki | UyghurWiki