قايماق يوتازىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، خام قايماق 500 گرام، خېمىرتۇرۇچ 500 گرام، پىياز ئۇچ باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، شولتا ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام.
خېمىرنى چوڭ پىلتىلىق يوتازىنىڭكىدەك قىلىپ يۇغۇرۇپ، بىر يېرىم سائەت قويۇپ بولدۇرغاندىن كېيىن، شولتا بېرىپ ئىشلەپ، سۇ يېغىدا ياغلاپ 20-15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
2. تىنغان خېمىرنى نېپىز يېيىپ، يۈزىگە قايماق، ئۇششاق چانالغان پىياز، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، يۇمغاقسۈت سۈرتۈپ، خېمىرنىڭ بىر چېتىدىن سوزۇپ نېپىزلىتىپ، شۇ تەرەپتىن تۇرۇپ تارتىپ ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىنىدۇ.
3. بۇ پىلتىدىن 70 گرام چوڭلۇقتىكى زوۋۇلا ئۈزۈپ، مونار شەكلىدە ياكى سوقىچاق قىلىپ يوتازا تۈگۈپ قاسقانغا سېلىپ 25 ـ 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.