UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىزەنجىۋىل تەملىك پالەك

زەنجىۋىل تەملىك پالەك

ئۇيغۇر تائاملىرى پالەك 150 گرام، ئاچچىقسۇ ئازىراق، تۇز مۇۋاپىق، توخۇ شورپىسى ئازىراق، زەنجىۋىل 50 گرام، كۈنجۈت يېغى ئازىراق، جياڭيۇ ئازىراق مىقداردا. 1. زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ ئۇنىڭغا تۇز، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازىراق توخۇ شورپىسى، كۈنجۈت يېغى قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. 2. پاكىزە تازىلانغان پالەكنى قايناقسۇغا بىسىۋېتىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، قىسقا توغراپ تەخسىگە رەتلىك تېزىپ، ئۈستىگە زەنجىۋىل تەملىك شورپىنى قۇيسىلا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى