ئۈچەي قورۇمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ پىشۇرۇلغان چوڭ ئۈچىيى 175 گرام، قىزىلمۇچ بىر شوخ، جاڭيۇ ئازراق، ھۆل مور بەش قۇلاق، كاۋاۋىچىن يېغى ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 35 گرام)، سۇڭپىياز بىر تال، سامساق بىر باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. پىششق ئۈچەينى ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ، قىيپاش يالپاقلاپ، قىزىل لازا چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ.
2. ئۈچەيگە تۇز، جاڭيۇ، تۇخۇم، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، ئۈچەينى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. بىر قاچا شورپىغا تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، سۇڭپىياز، مور، سامساق، قىزىل لازىلارنى سېلىپ قورۇپ، پىششىق ئۈچەينى سېلىپ ئېلىشتۇرۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، ئىككى قېتىم ئۆرىگەندىن كېيىن رەڭگى قىزىرىدۇ. شورپىسى پىشقاندا ئازراق ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.