UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىچاۋا مانتىسى

چاۋا مانتىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى چاۋا ياغنىڭ نېپىز قىسمى 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، قارا گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، پىياز 220 گرام. 1. قوينىڭ ياكى كالىنىڭ قارا گۆشىنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز، سوققان قارىمۇچ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز قوشۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 2. قوينىڭ چاۋا يېغىنىڭ نېپىز قىسمىنى قايناق سۇغا بېسىپ خام تەمىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاش تاختىغا يېيىپ، بىر يېرىم سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ يۈزىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سۈركەپ، بىر قوشۇقتىن قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، چاك يېرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن يەملەپ، لېگەنگە تىزىپ ۋە چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ قاسقانغا سېلىپ 30 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
چاۋا مانتىسى | UyghurWiki | UyghurWiki