UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىباچكا كاۋىپى

باچكا كاۋىپى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇچۇرۇلمىغان باچكا بەش دانە، زىرە ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، پىياز سۈيى ئازراق، لازا ئازراق. 1. باچكىنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىزە يۇڭداپ، پۇت ، باش ۋە باشقا ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، بىر باچكىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يېرىپ، سوغۇق سۇدا پاكىزە يۇيۇپ ئۇنىڭغا پىياز سۈيى، تۇز، پۇرچاق ئۇنى، زەنجىۋىل سۈيى تۇخۇم بىلەن ياسالغان سۇيۇق شىرەگە بىر سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ. 2. يېرىم باچكىنى ئىككى دانە زىخقا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ، يۇمشاق تۇز سېپىپ بىر مىنۇت پىشۇرۇپ، ئاندىن سوققان لازا، زىرە، سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ، تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرىمىز. پىشقان كاۋاپنى نېپىز نان بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈر ۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
باچكا كاۋىپى | UyghurWiki | UyghurWiki