UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئاچچىق تەرخەمەك

ئاچچىق تەرخەمەك

ئۇيغۇر تائاملىرى يۇمران تەرخەمەك 500 گرام، قۇرۇق لازا تۆت گرام، قىچا مېيى 30 گرام، تۇز سەككىز گرام، قارىمۇچ سەككىز تال، قىزىلگۈل مۇۋاپىق مىقداردا. 1. تەرخەمەكنى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن چىمچىلاق بارماق ئۇزۇنلۇقىدا ۋە چوكا توملۇقىدا قەلەمچە قىلىپ، 15 مىنۇت تۇزغا چىلىنىدۇ. 2. تۇزدىن سۈزۈۋېلىپ سۈيى ساقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن قىزىلگۈل ئۇۋۇقىنى سېپىپ تەخسىگە تېزىلىدۇ. 3. ياغ چۈچۈگەندىن كېيىن قارىمۇچ بىلەن لازىنى سېلىپ سۇس ئوتتا قورۇلىدۇ. لازا بىلەن قارىمۇچنى سۈزۈۋېلىپ، ياغنى تەخسىدىكى تەرخەمەك قەلەمچىسى ئۈستىگە قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاچچىق تەرخەمەك | UyghurWiki | UyghurWiki