بۇس نان
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئەبجەش ياغ ياكى قايماق 105 گرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام.
ئۇنغا تۇخۇم چېقىپ خېمىرتۇرۇچلۇق قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، بولدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى يېيىپ نېپىزلىتىپ، يۈزىگە قايماق ياكى ئە
بجەش ياغ بىلەن ئۇششاق توغرالغان پىياز، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان پىياز قىيمىسىنى سۈرتۈپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ ئۇزۇنچاق تۈرمەل ياساپ، ئۇنى قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 30-25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. بۇس نان پىشقاندىن كېيىن يۈزىگە قايماق ياكى سېرىقماي سۈركەپ، چوڭ - چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.