UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىئەنجان پولۇ

ئەنجان پولۇ

ئۇيغۇر تائاملىرى گۆش بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، سۇ يېغى 500 گرام، چامغۇر بىر كىلوگرام، بىھى تۆتتىن - بەشكىچە، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، ئانار بىر دانە، قېتىق مۇۋاپىق مىقداردا. 1. گۆش، بېھى، سەۋزە، چامغۇر چاقماق قەنتتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 2. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، يېرىم سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 ـ دەرىجىدە قىزىتىپ، پىيازنى، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇز، سۇ قۇيۇپ چامغۇرنى سېلىپ پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ زىرۋەك تەييار لىنىدۇ. 4. زىرۋەكنىڭ ئۈستىگە يۇيۇپ چىلاپ قويۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنىڭ سۈيى تارتىلغاندا بېھىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تىزىپ دۈملىنىدۇ. ئۈستىگە زىرە سېپىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئانار چېچىپ، قېتىق بىلەن بىرگە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى