UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتوخۇ دۈملىمىسى

توخۇ دۈملىمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى سېمىز، ياش توخۇ بىر دانە، كاۋاۋىچىن ئارىلاش تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇڭپىياز ئۈچ تال، زەنجىۋىل ئازراق، قوۋزاقدارچىن ئازراق، شورپا ئازراق، ئاق شېكەر ئازراق، شاكال بەدىيان بەش تال، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام). 1 . توخۇنى بوغۇزلاپ، تۈكلىرىنى يۇڭداپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن (توخۇنى قاسقاندا دۈملىگەندە تېرىسىنىڭ تېشىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۆش سۆڭىكى چېقىپ يۇمشىتىلىدۇ)، ئىچى ۋە تېشىغا تۇز، سېرىق ھاراق سۈركىلىدۇ. زەنجىۋىلنى سوقۇپ، ئۇنىڭغا شېكەر، كاۋاۋىچىننى ئارىلاشتۇرۇپ، زەنجىۋىل، شېكەر، كاۋاۋىچىن ئۇنى تەييارلىنىدۇ. 2. توخۇنى چوڭقۇر قاچىغا سېلىپ، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، سوققان قوۋزاقدارچىن، شاكال بەدىيانلارنى سېلىپ، قاسقانغا قويۇپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ. 3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 - دەرىجە قىزىتىپ، دۈملەنگەن توخۇ گۆشىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى سۈركەپ تەخسىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ قويۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. تەييارلانغان كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل ئۇنىڭغا تۇز، ئارىلاشتۇرۇپ سۇڭپىيازلارنى باشقا - باشقا كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ توخۇ گۆشى بىلەن بىللە قويۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
توخۇ دۈملىمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki