گۈل نەپشە
ئۇيغۇر تائاملىرى
قۇيرۇق ياغ 200 گرام، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، كۆك، قىزىل رەڭ ئازراق، شېكەر، پۇرچاق 70 گرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 50 گرام).
1. قۇيرۇق ياغنى ئۇزۇنلۇقى ئالتە سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر توغراپ، بىر تەرىپىنى تىلىپ تاغاق شەكىلدە قىلىدۇ، يالپاقلانغان ياغنىڭ ئېلىنمىغان يەنە بىر تەرىپىگە شېكەر، پۇرچاقتا ياسالغان قىيمىدىن سېلىپ، ئانار گۈلى شەكلىدە تۈگۈپ تەييار
لىنىدۇ.
2. تۇخۇمنى چېقىپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ تۆتىنچى دەرىجىدە قىزىتىپ، تۈگۈلگەن ياغنى تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ، بىر - بىرلەپ ياغقا سېلىپ، رەڭگى ئاقارغىچە پىشۇرۇلىدۇ. لەيلەپ چىققاندا سۈزۈپ ئېلىپ، تەخسىگە قويۇپ، ئۈستىگە ئاق شېكەر، كۆك، قىزىل رەڭ سېپىپ قويۇلىدۇ.