UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىشىرنە ھالۋىسى

شىرنە ھالۋىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى ئاق ئۇن 70 گرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 200 گرام، ئۈزۈم شىرنىسى 500 گرام، قايناق سۇ 500 گرام. ئۈزۈم شىرنىسى (شىنە)نى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇقلاندۇرۇلىدۇ. 2. ئېرىتىلگەن قوي يېغىنى قازانغا سېلىپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، ياغنى داغلاپ، كېيىن ياغنىڭ دەرىجىسىنى 4-3 دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، ئۇننى سېلىپ سارغايتىپ قورۇلىدۇ. 3. ياغدا قورۇۋاتقان ئۇنغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۈزۈم شىرنىسىنى قۇيۇپ، تېز - تېز قوچۇپ، ياغ، ئۇن، شىرنە تازا قىيام بولغاندا ئوتنى پەسەيتىپ، بەش مىنۇت دۈملەپ، كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى