باقالى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن 175 گرام، تۇخۇم بەش دانە، ياڭاق مېغىزى 20 دانە، كاكائو بىر بولاق، ئېرىتكەن قوي يېغى 140 گرام، قۇرۇق ئۈزۈم 105 گرام، ھەسەل 140 گرام، ئەبجەش ياغ ئازراق، ئاق شېكەر 140 گرام، سۈت 500 گرام.
قوي يېغى بىلەن سودانى مۇجۇپ ئالىقاندا پىششىقلاپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ھەسەل، شېكەر، كاكائو، سۈتنى قۇيۇپ شېكەر ئېرىگىچە قوچۇپ، ئۇنىڭغا قوناقتەك توغرالغان ياڭاق مېغىزى، تۆت پارچە توغرالغان ئۇرۇقسىز ئۈزۈمى، ئۇننى سېلىپ قوچۇپ، قويۇق شىرە تەييارلىنىدۇ.
2. دوخاپكىنى قىزىتىپ، لىسنى ياغلاپ تەييارلانغان شىرەنى لىسقا قۇيۇپ، دوخاپكىغا سېلىپ ئوتتۇرا ئوتتا كۆپتۈرۈلىدۇ.
باقالى پىشقاندىن كېيىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت پىشۇرۇلىدۇ. كۆپۈپ قېلىنلاشقاچقا، ئوتتۇرىسىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سەرەڭگىنى تىقىپ كۆرۈلىدۇ. سەرەڭگىگە چاپلاشقان خۇرۇچقا قاراپ پىشقان - پىشمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
پىشقان باقالىنى سوۋۇتۇپ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا، بىر ئىلىك قېلىنلىقتا توغراپ، تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ توغرىلىشى ھەرخىل بولىۋاتىدۇ. ئېھتىياج بويىچە توغرىسا بولىدۇ.