UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىقىزغۇچ پېدىگەن

قىزغۇچ پېدىگەن

ئۇيغۇر تائاملىرى پېدىگەن 500 گرام، پىياز 200 گرام، سەۋزە 300 گرام، كەرەپشە 125 گرام، گۈرۈچ ئۇنى 30 گرام، قىچا يېغى 200 گرام، شېكەر 15 گرام، پەمىدۇر قىيامى 150 گرام، سامساق چانالمىسى 10 گرام، يۇمغاقسۈت بىر تال، قۇرۇق لازا ئىككى تال، تۇز بەش گرم، قوي يېغى 20 گرام، ئازراق قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ 25 گرام. 1. پېدىگەننى ئاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن قىيسىق چاسا شەكىلدە توغراپ، گۈرۈچ ئۇنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن چۈچۈتىلگەن ياغدا سارغايغىچە قورۇلىدۇ. 2. سەۋزە، پىياز ۋە كەرەپشىنى ئۇششاق توغراپ، ياغدا قورۇپ چالا پىشقاندا قارىمۇچ، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر قىيامى سېلىپ، ياغ قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە قوي مېيى، ئاچچىقسۇ، قۇرۇق لازا، سامساق چانالمىسى سېلىنىدۇ. ئاندىن چالا قورۇلغان پېدىگەننى قازانغا سېلىپ ئانچە - مۇنچە قورۇۋېتىپ ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى