سۆك شويلىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
سۆك 500 گرام، پىياز بىر باش، گۆش ئىككى يېرىم كىلوگرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ئېرىتىلگەن قوي يېغى ياكى سېرىقماي 175 گرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە 250 گرام، يۇمغاقسۈت مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.
1. سۈيىنى شويلا پىشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە تەييارلاپ، سۇنى كەمرەك قۇيۇپ، پەمىدۇر، زىرە سېلىپ، گۈرۈچ ئورنىغا پاكىز يۇيۇلغان سۆكنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.
2. پىشقان سۆك شويلىسىغا يۇمغاقسۈت سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇلىدۇ.
بۇ ئاشقا كېتىدىغان سۇ ئورنىغا سۈت قۇيسىمۇ بولىدۇ. بۇ سۆك بوتقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.