چۈجە دۈملىمىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
500 گراملىق چۈجە بىر دانە، توخۇ يېغى ئازراق، ئالىي موگۇ (يەر مەدىكى) بەش تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، شېكەر ئازراق، سېرىق ھاراق، شېكەرگە چىلاپ قويىمىز؛ موگۇنى سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ، پارچە - پارچە توغراپ قايناق سۇغا بېسىپ ئېلىنىدۇ.
1. چۈجىنى قائىدە بويىچە تازىلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكىنى ئۈچ سانتىمېتىر پارچىلاپ، تۇز، سېرىق ھاراق، شېكەرگە چىلاپ قويۇلىدۇ؛ موگۇنى سۇغا چىلاپ يۇمىشىتىپ، پارچە - پارچە توغراپ، قايناق
سۇغا بېسىپ ئېلىنىدۇ.
2. چۈجە گۆشىنى چوڭقۇر قاچىغا توخۇ شەكلىدە تىزىپ، ئەتراپىغا موگۇنى تىزىپ، قاچىنىڭ ئاغزىنى قېلىن قەغەز بىلەن پېچەتلەپ، قاسقانغا سېلىپ 5.1-1 سائەت دۈملەپ پىشۇرۇپ ئېلىپ، چاپلانغان قەغەزنى ئېلىۋېتىپ تەخسىگە كۆمتۈرۈلىدۇ.
3. دۈملەنگەن چۈجىنىڭ شورپىسىنى قازانغا تۆكۈپ توخۇ شورپىسى ياكى قايناق سۇ قوشۇپ، تۇز، تېتىتقۇ، جاڭيۇ، چىلغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ، تەڭشەلگەن پىششىق شورپا ياساپ، توخۇ يېغى سېپىپ، تەخسىدىكى چۈجە گۆشىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.