چۆچۈرە - ئومۇرتقا گۆش قەلەمچىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى 140 گرام، سامساق تۆت چىش، گۆش قىيمىسى 35 گرام، پەمىدۇر قىيامى ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، تۇز مۇۋاپىق، چۆچۈرە جىلتى 20 دانە، جاڭيۇ ئازراق، پىششىق ماي بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 35 گرام)، كراخمال ئازراق.
1. قوي گۆشىنى ئىنچىكە قەلەمچە توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، جاڭيۇ، تۇخۇم ئۇمىچى، قۇرۇق كراخمال سېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. تەييار جىلتقا قىيما ئېلىپ 20 تال چۆچۈرە تۈگۈلىدۇ.
2. ساپلىققا بىر كىلوگرام ماي قۇيۇپ 6 دەرىجە قىزىتىپ، تەييار چۆچۈرىنى سېلىپ پىشۇرۇۋالىدۇ. ئۇماچقا چىلانغان گۆشنى ياغقا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.
3. پەمىدۇر قىيامى، ئاق شېكەر، يانجىلغان سامساق، شورپا، ھۆل كراخمالنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.
4. ساپلىققا ئازراق ماي قۇيۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل سېلىپ سارغايتىپ، تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ قويۇقلاشقاندا، سارغايتىلغان گۆشنى سېلىپ بىر نەچچە قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىپ چۆچۈرە تەخسىنىڭ گىرۋىكىگە تىزىلىدۇ.