UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىرەڭدار كۇمۇلەك

رەڭدار كۇمۇلەك

ئۇيغۇر تائاملىرى قوي گۆشى 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم ئۈچ دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پۇرچاق ئۇنى 105 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سۇڭپىيازنىڭ ئېقى ئىككى تال، قىزىل رەڭ ئازراق، سامساق تۆت چىش، جاڭيۇ ئازراق، چىلىغان خۇاڭخۇا سەي ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، ھۆل مور ئازراق. 1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا بىر تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، تېتىتقۇ، جاڭيۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلاپ، 30 دانە كۇمۇلەك ياسىلىدۇ. سۇڭپىياز، سامساقلار ئىنچىكە توغرىلىدۇ. 2. ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراقلا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان قىزىل رەڭ ئارىلاشتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ، قىزىل پوشكالدىن بىرنى، سېرىق پوشكالدىن بىرنى ياساپ ئىنچىكە توغرىلىدۇ. 3. ياسالغان كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە توغرالغان قىزىل، سېرىق پوشكال سىرلىرىنى يۇقتۇرۇپ، رەڭدار كۇمۇلەك قىلىپ تەييارلاپ تەخسىگە تىزىپ، قاسقانغا سېلىپ 25 مىنۇت دۈملىنىدۇ. 4. شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ، تۇز، جاڭيۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 5. قازانغا 35 گرام، ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، خۇاڭخۇا سەي، مور سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، قايناپ چىققاندا پىششىق ياغ سېپىپ، قاسقاندا پىشۇرۇپ ئېلىنغان كۇمۇلەكنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
رەڭدار كۇمۇلەك | UyghurWiki | UyghurWiki