قۇيما چاۋا
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ بۆرىكى 200 گرام، كۆپتۈرۈلگەن بامبۇك نوتىسى 35 گرام، قوينىڭ چاۋا يېغى 140 گرام، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ھۆل مور 4 قۇلاق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. بۆرەكنىڭ سىرتقى پەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئىككى پارچە قىلىپ، ئىچىدىكى سېسىق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئىنچىكە ئۇزۇنچاق
توغرىلىدۇ. بامبۇك نوتىسى، سۇڭپىياز ئىنچىكە توغرىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ماتېرىيالغا سوققان كاۋاۋىچىن، تېتىتقۇ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما
قىلىپ، قۇرۇق قازاندا قورۇپ ئېلىنىدۇ.
2. قوينىڭ چاۋا يېغىنىڭ نېپىز، گۈللۈك قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ، قايناق سۇغا بېسىپ خام پۇرىقىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئاش تاختىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قورۇلغان قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ ئۇزۇنچاق كاناي شەكلىدە تۈرۈلمە ياساپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن چاكلىرىنى يەملەپ تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، چاۋا تۈرۈلمىسىنى سېلىپ ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ، تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا خۇددى ھېسىپتەك توغراپ تەخسىگە قويۇپ، ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز سېپىپ قويىمىز (ياكى شورپىغا پۇرچاق ئۇنى، سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ ئۈستىدىن قۇيسىمۇ بولىدۇ).