UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىياغدا پىشقان بېلىق

ياغدا پىشقان بېلىق

ئۇيغۇر تائاملىرى 250 گراملىق بېلىق بەش تال، جاڭيۇ مۇۋاپىق، ئاق ئۇن 70 گرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، كاۋاۋىچىن ئازراق، زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. بېلىقنى تازىلاپ، پاكىز يۇيۇپ، تۇز، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، جاڭيۇ ئارىلاشمىسىغا 10 مىنۇت چىلاپ قويۇلىدۇ. 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، چىلىغان بېلىققا قۇرۇق ئۇن يۇقتۇرۇپ ياغقا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرىمىز (ياغدا پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ). ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ قويۇپ، قاچان ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
ياغدا پىشقان بېلىق | UyghurWiki | UyghurWiki