(خوشاڭ(شېكەر بۇستۇق
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، دۈمبە ياغ 70 گرام، ئاق شېكەر 200 گرام، سودا مۇۋاپىق، ئېرىتكەن قوي يېغى 280 گرام، سۇ يېغى ئازراق، ياڭاق مېغىزى 140 گرام، سۇ 500 گرام، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئازراق، خېمىر تۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، شاۋجاۋ سۈيى 68.4 گرام، كۆك، قىزىل رەڭ (تاماققا ئىشلىتىدىغان رەڭ) ھەر قايسىسىدىن ئازراق.
1. ئېرىتكەن قۇيرۇق ياغنى قول كۆيگۈدەك قىزىق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇن سېلىپ خېمىرتۇرۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇزسىزراق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق جايدا قويۇلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن، ئېرىتىلگەن سودانى بېرىپ ئىشلەپ، يەنە بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن خېمىرنى يېيىپ نېپىزلىتىپ، قوي يېغى سۈرتۈپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ پىلتە ياساپ، كىچىك - كىچىك زوۋۇلا ئۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
2. دۈمبە ياغنى ئۇزۇن، ئىنچىكە قىلىپ توغراپ، شېكەر كۆك، قىزىل رەڭ، ئېزىلگەن ياڭاق مېغىزى، بانان سۈيى، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئارىلاشتۇرۇپ شېكەرلىك قىيما ياسىلىدۇ.
3. زوۋۇلىنى قول بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىپ، شېكەرلىك قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، ئاستى - ئۈستىدە ئوت بار (ئۈستىنىڭ ئوتى كۈچلۈك) تاۋىنى ياغلاپ، تۈگۈلگەن شېكەر مانتىنى تىزىپ سېلىپ، ياپقۇچنى يېپىپ بەش مىنۇت
قويۇپ، بىر قېتىم ئۆرۈپ، چوتكا بىلەن يۈزىگە ياغ سۈركەپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
تۈگۈلگەن شېكەر مانتىنى كىچىك تاۋا ياكى قازانغا ياغ قۇيۇپ، پەس ئوتتا سارغايتىپ، 20 - 15 مىنۇت پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.