UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىشوخلا تەملىك كالا ئومۇرتقا قورۇمىسى

شوخلا تەملىك كالا ئومۇرتقا قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى كالىنىڭ ئومۇرتقا گۆشى 200 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، پەمىدۇر قىيامى ئىككى قوشۇق، ئۇن ئازراق، ئاق شېكەر 35 گرام، كراخمال 35 گرام، سېرىق ھاراق ئازراق، كۆك پۇرچاق 35 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، توخۇمنىڭ ئېقى ئىككى دانە، سامساق تۆت چىش، تۇز مۇۋاپىق، پارقىراتما ياغ ئازراق، تېتىتقۇ ئازراق، سۈزۈك شورپا مۇۋاپىق، سۇ يېغى 70 گرام. 1. كالىنىڭ ئومۇرتقا گۆشىنى نېپىز، چوڭ - چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، قىڭراقنىڭ كەينى بىلەن ئۇرۇپ يومشىتىپ، دورا - دەرمەكلەرنى سېپىپ، 15 مىنۇت تەملەندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنغا مىلىنىدۇ. 2. تۇخۇمنى چېقىپ ئېقىنى كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇن قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم ئۇمىچى تەييارلىنىدۇ. 3. ئۇنغا مىلەنگەن گۆشنى بىر - بىرلەپ تۇخۇم ئۇمىچىغا چىلاپ 5 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سوزۇپ ئېلىپ، سۆگەت يوپۇرمىقى شەكلىدە توغراپ تەخسىگە تىزىلىدۇ. 4. ساپلىققا ئازراق ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، سۇڭپىياز، سامساق، زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ، پۇراقلىق، تەم چىققاندا پەمىدۇر قىيامىدىن ئازراق قۇيۇپ، سېرىق ھاراق تېمىتىپ قالغان دورا - دەرمەكلەرنى سېلىپ، سۈزۈك شورپا قۇيۇپ، كۆك پۇرچاقنى سېلىپ، ئازراق كراخمال بېرىپ، پارقىراتما ماي قۇيۇپ، ئومۇرتقا گۆشىگە تېز يۇقتۇرۇپلا تەخسىگە ئالسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
شوخلا تەملىك كالا ئومۇرتقا قورۇمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki