UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىتىل قورۇمىسى

تىل قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ پىششىق تىلى ئىككى تال، جاڭيۇ ئازراق، ھۆل مور بەش قۇلاق، كاۋاۋىچىن يېغى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سامساق تۆت چىش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق. 1. قوينىڭ پىششىق تىلىنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېتىپ، ئۈچ بۇرجەك توغراپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، جاڭيۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 2. سۇڭپىياز بىلەن سامساق نېپىز يالپاق توغرىلىدۇ؛ بىر قاچا شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 3. قازانغا 500 گرام ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، تىلنى سېلىپ رەڭگى سارغايغىچە پىشۇرۇپ، تەخسىگە ئېلىنىدۇ. 4. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، مور، سۇڭپىياز، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، قوي تىلىنى سېلىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، شورپا قاينىغاندا كاۋاۋىچىن يېغى، ئاچچىقسۇ سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى