UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىجىگىردەكلىك نان

جىگىردەكلىك نان

ئۇيغۇر تائاملىرى ئۇن بەش كىلوگرام، جىگىردەك 500 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام. بولاق خېمىر يۇغۇرۇپ بىر سائەت يېتىلدۈرگەندىن كېيىن، جىگىردەكنى ئۇششاق چاناپ خېمىرغا ئارىلاشتۇرۇپ چەيلەپ، 500 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ پەشخونغا قويۇپ، قىرغىقىنى تومراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزرەك قىلىپ نان ياساپ، ئوتتۇرسىغا چەككۈچ چېكىپ قويۇلىدۇ. 2. تونۇرنى ئادەتتىكىچە تەييارلاپ، تەييارلانغان ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز ياكى سۇ بىلەن ھۆل قىلىپ ياققاندىن كېيىن ناننىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، 20 - 15 مىنۇت خۇيلاپ خۇي يەتكەندىن كېيىن داپخاننى بوش ئېچىپ، ناننىڭ يۈزىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى
جىگىردەكلىك نان | UyghurWiki | UyghurWiki