دۈملىمە تۇخۇم تۈرمىلى
ئۇيغۇر تائاملىرى
لوق قوي گۆشى 175 گرام، قارىمۇچ بىر چىمدىم، تۇخۇم ئۈچ دانە، زەنجىۋىل ئازراق، پالەك ئىككى تۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 70 گرام، كۈنجۈت يېغى ئازراق، شورپا ئىككى چۆمۈچ، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ (ئائىلىلەردە ئۇششاق چانىلىدۇ)، تۇز، سوققان زەنجىۋىل، شورپا ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق قىيما تەييار
لىنىدۇ.
2. تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈچ دانە پوشكال پىشۇرۇلىدۇ (پوشكال قانچە نېپىز بولسا شۇنچە ياخشى).
3. پوشكالنىڭ سىلىق تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ، يۈزىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سۈركەپ تەييارلانغان قىيمىنى تەكشى يېيتىپ، بىر چېتىدىن قىيما بىلەن قوشۇپ تۈرۈپ، ئۇزۇنچاق تۈرمە ياساپ، ياغلانغان تۆت چاسا تەخسىگە قويۇپ، قاسقانغا سېلىپ 10~8 مىنۇت دۈملىنىدۇ.
4. پىشقان تۈرمىنى قاسقاندىن ئېلىپ، ئىككى مىللىمېتىر قېلىنلىقتا يالپاق توغراپ، قاچىغا تىزىپ، شورپا قۇيۇپ، تېتىتقۇ سېلىپ، يەنە قاسقانغا سېلىپ 10 مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەخسىگە كۆمتۈرۈلىدۇ. شورپىنى قازانغا قۇيۇپ، پالەك، سوققان قارىمۇچ، تېتىتقۇ، پۇرچاق ئۇنى سېلىپ پىششىق شورپا ياساپ، تەخسىدىكى تۇخۇم تۈرمىلىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ قويۇلىدۇ.