پۈتۈن قوي زىخ كاۋىپى
ئۇيغۇر تائاملىرى
بىر ياشلىق پاقلان ئالتە دانە، ئاق ئۇن 500 گرام، تۇخۇم 20 دانە، سوققان قارىمۇچ 70 گرام، كراخمال 200 گرام، زىرە 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، زەرچىۋە 70 گرام.
قوينى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، باش ۋە پاچىقىنى كېسىپ تاشلاپ، قورسىقىنى كىچىكرەك يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئىچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ ئالتە قوينى ئىككى سائەت تۇزى بار سۇغا چىلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇنلۇقى يەتتە مېتىر كېلىدىغان تۆمۇر شوتىغا توغرىسىغا قاتار قىلىپ شوتىنىڭ ھەربىر ئارىلىقىغا بىردىن قوينى ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
2. توخۇمنى چېقىپ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا تۇز، زەرچىۋە، زىرە، قارىمۇچ، ئاق ئۇننى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياساپ، ئۇنى قوينىڭ بەدىنىگە
سۈرتۈپ، 10 مىنۇت شامالدىتىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ.
3. ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، دىئامېتىرى 10 مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇرنى قىزىتىپ (بۇنداق چوڭ تونۇر تۇرپاندا كۆرگەزمە قىلىنماقتا) ھاۋىسىنى تەڭشەپ، چوڭ زىخقا ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان قويلارنى تونۇرغا تىكلەپ تۇرغۇزۇپ، ئىككى سائەت خۇيلاپ
پىشۇرۇلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا 10 قوي پىشۇرغىلى بولىدۇ. قالغان ئۇسۇللار تونۇر كاۋاپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ. پىشقان كاۋاپنى زىياپەت زالىدا خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، 70-105 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. تۇز، ئاقمۇچ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.