باچكا ئاسما كاۋاپ
ئۇيغۇر تائاملىرى
باچكا بەش دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، زەرچىۋە ئازراق.
باچكىنى ئۆلتۈرۈپ، ئادالاپ تەييارلانغاندىن كېيىن، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن، سۇڭپىياز، سامساق، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت تىندۇرۇلىدۇ.
2. پۇرچاق ئۇنى، تۇز، زەرچىۋە، تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە ياسىلىدۇ.
3. باچكىنى سۇيۇق شىرىگە چىلاپ تونۇرغا ئېسىپ بىر سائەت خۇيلاپ پىشۇرۇلىدۇ.