گۆش پۆرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئاق ئۇن بىركىلوگرام، ئەبجەش ياغ (ئېرىتىلگەن قوي يېغى) 70 گرام، گۆش بىر كىلوگرام، تۇخۇم بىر دانە، سۇ 500 گرام، پىياز 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق.
گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، تۇخۇم پۆرىسىدەك تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. پۆرىنىڭ خېمىرى نېپىز بولۇشى، ئىچىدىكى قىيمىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىم.
3. پىشۇرۇلۇشى تۇخۇم پۆرىسىنى پىشۇرۇشقا ئوخشايدۇ.