قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
يۇمشاق قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، قوينىڭ لوق گۆشى 500 گرام، پىننە ئازراق، چاۋا ياغ 410 گرام، پەمىدۇر مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر تۆت باش.
گۆش ۋە 70 گرام چاۋا ياغنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئىسسىق سۇ، مۇۋاپىق تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز (گۆش ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ يېرىم نىسبىتى بويىچە سۇ يەيدۇ).
ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىيازنى، قارىمۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. قوناق ئۇنىغا تۇز ۋە قايناق سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، ئاندىن ئوتتۇرىسىدىن كاۋاك ئېچىپ تەييارلانغان قىيمىدىن سېلىپ تۈگۈپ، قوناق چۆچۈرىسى تەييارلىنىدۇ.
3. قازانغا سۇ قۇيۇپ، 70 گرام چاۋا ياغنى ئۇششاق توغراپ سېلىپ، قاينىغاندا توغرالغان چامغۇر ۋە پەمىدۇرنى سېلىپ 10 ـ12 مىنۇت قاينىتىپ تەييارلانغان چۆچۈرىنى سېلىپ، پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
4. ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئىككى - ئۈچ مىنۇت تۇرغۇزۇپ قاچىلارغا ئۇسىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا قىش كۈنلىرى كۆپ ئېتىلىدۇ. ئىچىشلىك بولىدۇ.