تۇخۇم سامسىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
ئۇن بىر كىلوگرام، كۈدە 500 گرام، سۇ 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچ يېرىم سەر، ياغ 140 گرام، تۇخۇم سەككىز دانە، تۇز مۇۋاپىق.
. تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق تۇز قۇيۇپ، ياخشى قوچۇپ، قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ قورۇپ ئېلىنىدۇ. تازىلىغان كۈدىنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىننى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قورۇپ ئېلىنغان تۇخۇمنى ئۇششاق توغراپ قوشۇپ، تۇخۇم كۈدە قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.
2. خېمىرتۇرۇچ سېلىپ يۇغۇرۇلغان خېمىرنى يېرىم بولدۇرۇپ، بىر سەر چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ جىلت ئېچىپ، تەييارلانغان تۇخۇم كۈدە قىيمىسىنى سېلىپ سامسا تۈگۈپ، دوخاپكىغا سېلىپ 20 - 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.