UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر تائاملىرىجىگەر قورۇمىسى

جىگەر قورۇمىسى

ئۇيغۇر تائاملىرى قوينىڭ خام جىگىرى 500 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، چىلىغان ھۆل مور بەش تال، كاۋاۋىچىن يېغى مۇۋاپىق، سۇڭپىياز بىر تال، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، جاڭيۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. قوينىڭ خام جىگىرىنى ئۇزۇنچاق تالا قىلىپ تىلىپ، ھەربىر تالانى دوملىتىپ توغراش ئۇسۇلىدا ئۈچ بۇرجەك قىلىپ توغرىلىدۇ؛ سۇڭپىياز، سامساقلار يالپاق توغرىلىدۇ. 2. توغرالغان جىگەرگە تۇز، جاڭيۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. 3. بىر قاچىغا 250 گرام شورپا ئېلىپ، تۇز، جاڭيۇ، تېتىتقۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ. 4. قازانغا 500 گرام ياغ قۇيۇپ، 6 دەرىجە قىزىتىپ جىگەرنى سېلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ. 5. قازاندا 15 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، مورلارنى سېلىپ قورۇپ، تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ، شورپا پىشىپ قويۇقلاشقاندا، ياغدا پىشقان جىگەرنى سېلىپ ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ، كاۋاۋىچىن يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر تائاملىرى