ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ لوق گۆشى 500 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ 140 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، سامساق بىر باش، زەنجىۋىل ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، ئاچچىقسۇ ئازراق، تۇخۇم 10 دانە.
خېمىرنى يۇغۇرۇپ، پىلتە قىلىپ سۇ يېغى سۈركەپ تىندۇرۇلىدۇ.
2. گۆشنى نېپىز، ياپىلاق، سۇڭپىيازنى يانتۇ (قىيپاش)، پەمىدۇرنى چوڭراق توغرىلىدۇ. سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ.
3. ياغ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، سۇڭپىياز، پەمىدۇر سېلىپ سارغايتىپ قورۇلىدۇ. تۇز، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىدىن مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ تەمى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.
4. تىندۇرۇلغان پىلتە خېمىرنى بېسىپ نېپىزلىتىپ، ئۇزۇنچاق سوزۇپ قازاندىكى سۇغا تىرناقتەك ئۇششاق ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇخۇمنى چېقىپ پۈتۈن پېتى پىشۇرۇپ ئېلىپ، ئاشقا كېتەرلىك سامساق، ئاچچىقسۇنى سېلىپ قاچىلارغا ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر قاچا ئاشقا بىردىن تۇخۇم ئۇسۇلىدۇ. ئۈستىگە قارىمۇچ سېلىنىدۇ. بەزىلەر تۇخۇمنى ئايرىم سۇدا پىشۇرۇپ بولۇپ، سويۇپ قاچىدىكى ئاشقا سالىدۇ.