مېڭە لەيلىسى
ئۇيغۇر تائاملىرى
قوينىڭ پىششىق مېڭىسى بىر دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، شورپا 280 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، ھۆل مور بەش قۇلاق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1 . قوينىڭ پىششىق مېڭىسىنى پۈتۈن ئاجرىتىپ ئېلىپ، سىرتقى پەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 10 مىنۇت دۈملەپ ئېلىپ، يىغىلغان سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ، چوڭقۇر قاچىغا ئېلىپ ئۈستىگە ئىنچىكە توغرالغان سۇڭپىياز سېلىنىدۇ.
2. قازانغا شورپىنى قۇيۇپ قاينىتىپ، زەنىجىۋىل سۈيى، تۇز، تېتىتقۇ، مورنى سېلىپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ، قاچىدىكى مېڭىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدۇ.